Manqilik - ئەزمەتجان azmatjan
مەنچىلىك
ئەزمەتجان
تېكسىت كىرگۈزگۈچى:ئابدۇخالىق ئەھەت
يار كۆڭلۈڭنى ئۆزگىلەر ئالالمايدۇ مەنچىلىك
يۈرەگىڭگە ئوتلارنى سالالمايدۇ مەنچىلىك
سۆيدۈم سېنى دېگەنلەر يار غېمىڭنى يېگەنلەر
چىن مۇھەببەت سازىنى چالالمايدۇ مەنچىلىك
سۆيدۈم سېنى دېگەنلەر يار غېمىڭنى يېگەنلەر
چىن مۇھەببەت سازىنى چالالمايدۇ مەنچىلىك
مۇزىكا
يامان قىلدىڭ كېتىپ يار نادانلارنى تېپىپ يار
تاپقان يايرىڭ يولۇڭغا باقالمايدۇ مەنچىلىك
باغلىرىڭدا يۈرسىمۇ سېنى ياخشى كۆرسىمۇ
ئوتتا كۆيۈپ سۈيۈڭدە ئاقالمايدۇ مەنچىلىك
باغلىرىڭدا يۈرسىمۇ سېنى ياخشى كۆرسىمۇ
ئوتتا كۆيۈپ سۈيۈڭدە ئاقالمايدۇ مەنچىلىك
مۇزىكا
يالغان بەرگەن ۋەدىسى پۇل تاپقاننىڭ ئەتىسى
تاشلاپ كېتەر يېنىڭدا تۇرالمايدۇ مەنچىلىك
يالغان بەرگەن ۋەدىسى پۇل تاپقاننىڭ ئەتىسى
تاشلاپ كېتەر يېنىڭدا تۇرالمايدۇ مەنچىلىك
ھەمرا ساڭا كۆز يېشى بۇھاياتتا ھېچ كىشى
سەن گۈلۈمنى بەخىتلىك قىلالمايدۇ مەنچىلىك
ھەمرا ساڭا كۆز يېشى بۇھاياتتا ھېچ كىشى
سەن گۈلۈمنى بەخىتلىك قىلالمايدۇ مەنچىلىك
سەن گۈلۈمنى بەخىتلىك قىلالمايدۇ مەنچىلىك